قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى باش نىشاننى چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 10:53 مۇھەررىر :نەرگىز

  چېن چۈەنگو يېڭى يىل كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ھەممە ساھە يېڭى تۈس ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 -شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو 1 -ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 -كۈنىگىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلققە يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

  زىمىستان قىشتا شىمالىي شىنجاڭ ئاق لىباسقا ئورالغانىدى، چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، بىڭتۈەن 4 – شىسىنىڭ 62 – تۈەنىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ يىرىك پىلان دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆردى، يېزا، مەھەللىلەردە زىيارەتتە بولدى، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى، چېگرا پورتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا پىلان تۈزدى.

  كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

  چېن چۈەنگو غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى يېزىسى گەمە كەنتىدىكى دېھقانلار كۇلۇبى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ نۇرلۇق كوچىسىدىكى مەھەللە پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ، بۇ جايدا يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى. كۆپچىلىك ھاياجان ئىلكىدە چېن چۈەنگونىڭ يېنىغا كېلىپ، بەس – بەستە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى يىلدا يېڭى ئۈمىد بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  چېن چۈەنگو گەمە كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، بۇ جايدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن يېڭى يىللىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بارلىق خىزمەتلەر ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يول››نى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چېن چۈەنگو ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئاممىنىڭ يېڭى يىلدا قانداق ئارزۇلىرى بارلىقىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. چېن چۈەنگو كەنت ئاھالىسى مۆمىنجان قۇرباننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى، تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى سەمىمىي سۈرۈشتۈردى. مۆمىنجاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، چوڭ ئوغلىنىڭ كۆز كېسىلى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يەرلىك مەسئۇل يولداشلارغا بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئامالنىڭ بارىچە پائال ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى.

  غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سادىقيۈزى يېزىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ‹‹كوپىراتىپ+بازا+دېھقانلار›› مەشغۇلات ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. چېن چۈەنگو ئىللىقلىققا ۋە يېشىللىققا تولغان پارنىك ئىچىدە، گۈل – گىياھ كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. چېن چۈەنگو كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يەر ئوبوروتىدىن كىرىم قىلغاندىن سىرت، يەنە بازىدا ئىشلەپ ھەر بىرىنىڭ يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇش بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئەلنى مايىل قىلىش ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ‹‹بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ، بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسنى ئوبدان ئېنىقلاش، تەدبىرنى توغرا تاللاش، ئاممىنىڭ ھەميانىنى تولدۇرۇش كېرەك. پۇختا قەدەم بېسىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو يەنە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازىرى جېلىليۈزى كەنتىدىكى چوڭ مەسچىتكە كېلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى. ئىمام ئەنۋەر يارمەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، مەسچىتنىڭ شارائىتى ياخشىلاندى، بىزنىڭ تەمىناتىمىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى ھەقىقىي ھىمايە قىلىدۇ. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جەمئىيەت مۇقىم بولسىلا، ھەر مىللەت ئامما ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، دىن ئاندىن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىغا ئىگە بولالايدۇ. دىنىي زاتلار ۋەتەننى ۋە دىننى سۆيۈشتەك ياخشى ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەز ئېيتىش ۋە تەفسىر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ تارىخ، تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غۇلجا شەھىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، خەلق شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تەرەققىياتى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەر قىياپىتى ۋە شەھەر رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇ جايدا يەنىمۇ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو غۇلجا شەھىرىدىكى ‹‹جىنلىڭ›› ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىنىڭ سىنىپ ۋە رېپېتىتسىيە زالىغا كېلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. ئۇ لاتىن ئۇسسۇلى ۋە تەپمە بوكس مەشىق قىلىۋاتقان بالىلارنى بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى چېنىقىپ، چوڭ بولغاندا سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ چاغانلىق نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقان ئارتىسلارنى مىللىي خەلق سەنئىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سەنئەت گۆھىرىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛ ياشانغانلار خور ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىدى. كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چېن چۈەنگو خور ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە›› دېگەن ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى. ‹‹جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشا ساداسى نېمىدېگەن ياڭراق...››. ئۇلار ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ يېڭى بىر يىلدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يۈكسىلىشىگە ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو نۇرلۇق كوچىسى مەھەللىسىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما نەدە بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى شۇ جايدا ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە بايرىقىنى جۇلالاندۇرۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا قۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو ئىلگىرى – كېيىن يەنە قورغاس شەھىرىدىكى ‹‹80 ئېغىز ئۆي›› چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ۋە جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلۈك رايونىغا كېلىپ، چېگرا سودىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەكشۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورتنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹يېشىل يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى، پاراسەت يىپەك يولى ۋە تىنچ يىپەك يولى بەرپا قىلىش››تىن ئىبارەت مۇھىم يوليورۇقنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو يەنە بىڭتۈەن 4 – شىسىنىڭ 62 – تۈەنىگە كېلىپ، بىڭتۈەن كادىرلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش چېگرا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تەدبىر. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى. بىڭتۈەنگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۈەننى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق ۋە ئۈلگە رايونلۇق مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى، ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلىشىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ئاممىغا ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى ۋە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش