ئۈرۈمچى يەتتە يىل ئىچىدە ئۈچ مېترو لىنىيەسىنى ياساپ پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدى

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-05 11:35 مۇھەررىر :نەرگىز

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى تور بېكىتى 3-يانۋار تورداشلارغا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2017~2023 يىل) ۋە لىنىيە تورى پىلانى (تۈزىتىلمىسى) مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرلىرى»نى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى 2017-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە 5 ـ لىنىيەنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى، 2 ـ لىنىيەنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، 6-لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ مېترو لىنىيەسىنى ياساپ پۈتتۈرۈشنى پىلانلىدى.

  2020-يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى لىنىيە تورىنى سەككىز لىنىيەدىن تەركىب تاپقۇزۇشنى، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى 257.1 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە، يەر ئاستى لىنىيەسى 139.8 كىلومېتىر، كۆتۈرمە كۆۋرۈك 114.2 كىلومېتىر بولىدۇ.

  

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش