بۇنىڭدىن كېيىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىزICكارتىسى بېجىرمىسىڭىز بولمايدۇ

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-06 13:35 مۇھەررىر :نەرگىز

  مۇخبىرنىڭ 3-يانۋار شىنجاڭ تەبىئىي گاز گورۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان پولات تۇڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ھەقىقىي نامدا سېتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، گاز بىلەن تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گورۇھىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئابونتلىرى چوقۇم ئابونتنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلانغانICكارتىسىنى بېجىرىشى كېرەككەن. كارتا بېجىرىدىغان ئابونتلار ئۈرۈمچى قاراماي شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى 120-نومۇردىكى شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گورۇھى ئابونتلار مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ كەسىپ بېجىرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتى 2017-يىلى 3-يانۋاردىن باشلىنىپ، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:30 غىچە؛ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 دىن 16:00 گىچە بېجىرىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش