ئاپتونوم رايونىمىزدا باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-03 11:07 مۇھەررىر :نەرگىز

  مۇقەددەس سەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باج خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىستېرېئولۇق تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تەربىيەلەش بىلەن باج خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم، كەسىپكە ماھىر، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، پاك – دىيانەتلىك، يۇقىرى ساپالىق بىر تۈركۈم باج كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت باج ئىشلىرىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى.

  بۇ ئىدارە تەربىيەلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى بېيىتىش، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹دۆلەت، يەرلىك باج ھەمكارلىشىش خىزمەت قائىدىسى››گە ئەمەل قىلغان ھالدا كادىرلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. باج مۇلازىمەت زالىدىكى خادىملارنى ‹‹قوشماق بولۇش››، ‹‹بىرلىكتە ئۆگىنىش››كە يېتەكلەپ، ئىككى تەرەپ تەربىيەلەش سورۇنىنى ئالماشتۇرۇپ تەسىس قىلىش، ‹‹بىر كۆزنەكتە ھەممىنى بېجىرىش›› ئەندىزىسىدە ئۆزئارا كەسىپ ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش مەنبەلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئارقىلىق خادىملارنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. بۇ ئىدارە بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق باج كادىرلىرى مەكتىپىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا كېڭەيتىپ، جەنۇبتا ئۇيغۇر باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان قەشقەر تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن شىمالدا قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ئىلى ئوبلاستلىق تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى. ھازىرغا قەدەر جەنۇب، شىمالدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە 600 ئادەم (قېتىم) ئاز سانلىق مىللەت باج كادىرىنى تەربىيەلىدى. دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئىقتىدار جەھەتتە غەربنى يۆلەش›› تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ تۈر بويىچە 30نەچچە قارار تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، كەسپىي جەھەتتىن قابىل 1800 ئاز سانلىق مىللەت باج كادىرىنى تەربىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن باج سىستېمىسىدا بىر تۈركۈم قابىل ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت باج ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش