بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا شەرتىڭىز توشامدۇ؟

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-06 12:21 مۇھەررىر :نەرگىز

  كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆرلىدى، ئەمما ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى بۇنىڭ بىلەن سۇسلاپ قالمىدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، %95 كىشى ئۆي سېتىۋېلىشتا بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن.

  كىشىلەر نېمە ئۈچۈن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا مايىللىشىدۇ؟

  بىر قىسىم كىشىلەر ئامالسىزلىقتىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك شۇنداق قىلىدۇ.

  بىرىنچى، بىر قىسىم كىشىلەر يېتەرلىك مەبلىغى بولمىغانلىقتىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىدۇ. قەرز ئالمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، پۇلنىڭ ھەممىنى تۆلەپ ئۆي سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.

  ئىككىنچى، مەبلەغ سېلىپ قىممەتنى ساقلاش ئېڭى بار بەزى كىشىلەر قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرىدۇ. ئون يىل ئىلگىرىكى ئۆي باھاسى بىلەن ھازىرقى ئۆي باھاسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بانكىغا پۇل قويۇپ ئېرىشكەن ئۆسۈم پۇل كۇرسىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتىگە ھەرگىزمۇ تەڭلىشەلمەيدۇ، ئون يىل ئىلگىرىكى 10 مىڭ يۈەن بىلەن ھازىرقى 10 مىڭ يۈەننىڭ سېتىۋېلىش قىممىتىدە پەرق خېلى چوڭ. شۇڭا نۇرغۇن كىشى قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشنى تاللاپ، ئاۋۋال ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى تۆلەپ، ئاندىن جانلىق قەرز قايتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قەرزنى يىلمۇيىل قايتۇرىدۇ، بۇنىڭدا پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلالىشى مۇمكىن.

  بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟

  قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ ئىنچىكە شەرتلىرىدە بانكىلار ئارىسىدا پەرق بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئاساسىي قاتتىق دېتال خاراكتېرلىك شەرتلەر ئوخشاش بولىدۇ:

  1. قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  2.مۇقىم خىزمىتى ۋە كىرىمى بولۇشى كېرەك.

  3. توختام مەزگىلى ئىچىدە قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.

  4. قەرز ئالىدىغان بانكا ئېتىراپ قىلغان مۈلۈكنى رەنىگە ياكى گۆرۈگە قويۇش ۋە بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشى كېپىل بولۇشى كېرەك.

  5. تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ياكى كېلىشىمى، كىملىك ئىسپاتى، كىرىم ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرالىشى كېرەك.

  6. ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالدىن تۆلەش پۇلىنى تۆلىشى كېرەك.

  7.قەرز ئالىدىغان بانكا بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر. مەسىلەن: قۇرۇلۇش بانكىسى قەرز پۇلغا ئىلتىماس سۇنغاندا ئۆي سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان پۇلنىڭ %30ىدىن ئاز بولمىغان ئامانەت پۇلىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، سىياسەت خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى ئىلتىماس قىلىشتا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش بانكىسىغا قويغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى بولۇشى كېرەك.

  قانداق كىشىلەر قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشتا ئاسانلا رەت قىلىنىدۇ؟

  ئادەتتە تۆۋەندىكى يەتتە خىل كىشى قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئاسانلا رەت قىلىنىدۇ:

  1. ئىناۋەت ئەھۋالى ناچارلار.

  2. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلەر. بانكىنىڭ قەرز بېرىش كەسپىنى يولغا قويۇشى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر بانكا باھالاش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ياكى ئالدىن قەرز ۋە ئۆسۈمنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بايقىسا، قەرز ئېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ.

  3. خىزمىتى مۇقىم بولمىغانلار.

  4.يېشى بەك كىچىكلەر. قانۇندا 18 ياشقا كىرگەنلەرنىڭلا ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئىقتىدارى بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى، خىزمىتى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىنى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ.

  5. يېشى بەك چوڭلار. بۇنىڭدا ئاساسلىقى سالامەتلىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلىدۇ، ئادەتتە، شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئەر – ئاياللارنىڭ يېشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 65 ۋە 60 ياشتىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك.

  6. ئىقتىسادىي ماجىراغا چېتىلىپ قېلىپ ھۆكۈمنى تېخى ئىجرا قىلمىغانلار. ھەق تەلەپ ئىشلىرى ماجىراسىدا قەرز يۈكلىنىپ، قانۇن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىنى بانكا رەت قىلىدۇ.

  7. سېلىنغىنىغا ئۇزاق بولغان نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار. بانكا خەۋپ – خەتەر مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئادەتتە بۇنداق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى رەت قىلىدۇ.

  شەخسلەرنىڭ قانداق قىلمىشلىرى بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ؟

  1. شەخسىي ئىناۋەت ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بەزى قىلمىشلار. مەسىلەن، سۇ، توك، گاز پۇلىنى تۆلەشنى كەينىگە سۈرۈش؛ ئىناۋەت كارتىسىدىن ناتوغرا ئۇسۇلدا نەق پۇل چىقىرىۋېلىش؛ يان تېلېفوندىن ھەق تۇتۇش بىلەن بانكا كارتىسىدىن ھەق تۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش ھەم يان تېلېفون توختىتىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمىگەنلىكتىن، ئايلىق ئىجارە ھەققىنى تۆلەش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش؛ ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئالدىن ئىستېمال قىلغان پۇل، رەنىلىك قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق قاتارلىق قىلمىشلار.

  2. ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى: مەسىلەن، ئېغىر دەرىجىدىكى شەھۋەتپەرەسلىك، قىمارۋازلىق، زەھەر چېكىش ئادەتلىرى.

  3. سوت ھۆكۈم چىقارغان قەرز ياكى باشقا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش قىلمىشى. شەخسلەر خەلق ئىشلىرى ماجىراسىغا چېتىلىپ قالغان بولسا، مەسىلەن، قەرزى بار بولسا، سوت مەجبۇرىي ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى قەرز قايتۇرۇشنى يەنىلا رەت قىلغان بولسا، بانكا ئۇنىڭ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ.

  4. ئۆي قەرزى ئېلىش ئىلتىماسىنى تولدۇرغاندا، بىخەستەلىك قىلىپ ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرماسلىق.

  

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش