ئورتاق پايدا ئېلىش مارشىنى ياڭرىتىپ، يېڭى گۈللىنىش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك

مەنبە : خەلق تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-08 16:40 مۇھەررىر :نەرگىز

  --«بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىسى

گۈزەل باش كۈز، چوڭقۇر ئەسلىمە-خاڭجۇ. ئىلگىرى يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولسا، ھازىر دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىۋاتقان قىزىق نۇقتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يەنە بىر قېتىم جەم بولدى، دۇنيا ئىقتىسادى مۇشۇ جايدىن باشلاپ يېڭى سەپىرىنى باشلايدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا، مەيلى مەيدان ئىچىدىكى قىزغىن مۇھاكىمە، ياكى مەيدان سىرتىدىكى سەمىمىي ئالماشتۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھالقىلىق سۆزى مەركەز قىلىندى.

تارىخ كومپاسىنى ئۈچ يىل كەينىگە بۇرىغىنىمىزدا، 2013-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھىدى قاپلىغان ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغاندا، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى» نى ئورتاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شۇ يىلى 10-ئايدا، كوكۇس پالمىسىنىڭ ھىدى قاپلىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە «21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرى باشلىسا، مىڭى ئەگىشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىككى ئىقتىسادىي چوڭ تومۇر، مەدەنىيەت ئۇزۇن كارىدورى بولۇپ، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىقىپ دەۋر مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىش كېرەك.

بۇ ئۈچ يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» دىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى تەدرىجى دۇنيانىڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلىنىپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچى پەيدا قىلدى؛ بۇ ئۈچ يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ماكرو مۇلاھىزىدىن تەدرىجى رېئال نەتىجىگە ئايلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى؛ بۇ ئۈچ يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەت يېتەكلەشتىن تەدرىجى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، ئالاھىدە جەلب قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش