تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2016-11-18 13:02 مۇھەررىر :نەرگىز

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاكتىپ ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بەس – بەستە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەۋلادلارنىڭ بەختىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى باشتىن – ئاخىر 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تال گىياھىنى، تاغ – دەريالىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئاسمىنى كۆك، يەرلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خۈيجۈن مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا يېشىل تەرەققىيات، دەۋرىي تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي يول قىلىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىنخۇا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇھىت ماجىرالىرىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىش سالمىقى ۋە مۇھىت بايلىقىنى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەدلىيەلىك قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەسىرى زور، قىيىن – مۇرەككەپ، زىددىيەت تېز كەسكىنلىشىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك مۇھىت ماجىرالىرىغا قارىتا، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مۇھىت ئاسراشنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  تۇرپان – توقسۇن تېز سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى دېڭ چاڭجۇڭ مۇنداق دېدى: تۇرپان – توقسۇن تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسى يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقاندا، مۇساپىسى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدىكى 3000 تۈپتىن ئارتۇق دەرەخنى ئاسراش ئۈچۈن دەرەخلەرنى كەسمىدۇق ياكى يۆتكىمىدۇق، بەلكى سەرخىللاشتۇرۇش لايىھەسىنى قوللىنىپ، يول ۋە دەرەخنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەرگە قۇرۇلۇش داۋامىدا تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› يوللىرىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردۇق.

  بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن شېڭ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹ئېكولوگىيەلىك بۈگۈر››، ‹‹گۈزەل بۈگۈر›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ يېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو جيەنجاڭ مۇنداق دېدى: بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹پاكىز بۇرۇلتوقاي›› قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز شەھەر، پاكىز يېزا – كەنت، پاكىز يېزا – قىشلاق، پاكىز ئوتلاق، پاكىز سۇ مەنبەسى، پاكىز سازلىق قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، ‹‹پاكىز، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان›› شەھەر، يېزا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لياڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹2015 – يىلى ئارشاڭ سازلىقى دۆلىتىمىزنىڭ سازلىق باغچىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭ بېينى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان رايون باھالىشىدىن ئۆتتى، بۇ يىل 10 – ئايدا ئارشاڭ ناھىيەسى يەنە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز <ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق> تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز››.

  جىمىسار ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: پاكىز بېشبالىق، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ‹‹ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، سۇلىرىنى پاكىزلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش›› ھەرىكەت پىلانىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ناھىيە بازىرى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، يېزا، بازارلىرى ئاۋات، رەتلىك، پاكىز، يېزا، كەنت، قىشلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەسى گۈزەل›› يېڭىچە شەھەر – بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مەدەنىي، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى ناھىيەدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز.

  (مۇخبىرلىرىمىز جۇڭ شيۇلىڭ، يۈەن لېي، ياڭ شۇخەن، جاڭ يەنلى، لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ جيالى، ليۇ ۋېي، جۇاڭ شياۋپو، دىڭ جىڭ، جاڭ چېڭجۈن ) 

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش