ئاپتونوم رايون ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2016-11-18 16:38 مۇھەررىر :نەرگىز

  ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 11 - ئاينىڭ 15- كۈنى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر كادىرلىرىنى تاللاپ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە – شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئەۋەتىشكە مەدەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى رولىنى نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەش؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان كەنتلەرنى نۇقتىلىق يۆلەش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىن 32 كادىرنى تاللاپ، دۆلەتنىڭ يۆلەش - ئېچىشتىكى 32 نۇقتىلىق ناھىيە - شەھەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىپ، مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن 21 يولداشنى تاللاپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى، ئۇلار ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش دۆلەتنىڭ يۆلەش -ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئومۇمىي ئەھۋالىنى، يېڭى يۆلەش ۋەزىپىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تونۇشتۇردى. ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشكەن تۆت كادىر ۋە ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ ئىككى ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇردى، سۆز قىلدى، تەسىراتلىرىنى كەڭ -كۇشادە سۆزلىدى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدى، ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش