ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چەت ئەلدىكى قۇرۇقلۇق سۈنئىي ھەمراھ قوبۇل قىلىش پونكىتى ‹‹شىمالىي قۇتۇپ پونكىتى›› سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-28 18:08 مۇھەررىر :نەرگىز

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى يەر يۈزى پونكىتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ قوبۇل قىلىش پونكىتى (شىمالىي قۇتۇپ پونكىتى، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاينىڭ 15 - كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ كىرۇنادا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شىمالىي قۇتۇپ پونكىتى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چەت ئەلدىكى قۇرۇقلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قوبۇل قىلىش پونكىتى بولۇپ، ھاۋا، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق، كۆپ خىل ئېنىقلىقتا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە. شىمالىي قۇتۇپ پونكىتىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ دۇنيا سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئېرىشىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش