سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 16:45 مۇھەررىر :نەرگىز

  لى ياڭ

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىسمى (4)

  يادرولۇق ئەسكەرتمە: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا: زامانىۋى سۇچىلىق كاپالىتى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى، ئاراتاش قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تاغلىق رايونلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشى، يەكەن دەرياسى قاتارلىقلارنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، سۇدىن پايدىلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پارتلىتىش، قېزىپ كىرىش، ئىلگىرىلەش... زىمىستان قىشتا بولسىمۇ بىر تەرەپتىن، قىزىتقاندىلا، بېتون قۇيۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. مەيلى دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتىر ئېگىزلىكتە ھەم كىلىماتى ناچار تاغ ئارىسىدا بولسىمۇ، بۇنداق قۇرۇلۇش داۋاملىشىۋېرىدۇ. چۈنكى ھەر بىر گەز ئۆرلەش كەلكۈننىڭ ساراسىمىسىدە قالغان تۆۋەن ئېقىندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا داۋاملىق يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چەرچەن ناھىيەسىدىن 98 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەرچەن دەرياسى ‹‹داشىمېن›› سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىكى قۇرۇلۇشچىلار 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى، چۈنكى، قۇرۇلۇشنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنى بولغان ئېقىن باشلاش ئۆڭكۈرى قۇرۇلۇشى پۈتەيلا دەپ قالغانىدى. دۆلەتنىڭ بۇ زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تېز داۋاملاشماقتا ئىدى.

  ئارقا – ئارقىدىن قەد كۆتۈرگەن سۇچىلىق تۈگۈنلىرى، نۇرغۇن ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەن سۈزۈك سۇلار، ئېتىزلارغا تۇتاشتۇرۇلغان رەتلىك ئېرىق – ئۆستەڭلەر...

  بىر يىلدىن بۇيان سۇچىلىق ئىشلىرى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ گىگانت ئادەمنىڭ جىسمى تېخىمۇ مەزمۇت، قەدىمى تېخىمۇ چەبدەس بولدى.

  كۈچلۈك كاپالەت ئارقىلىق تىرەك بولۇش

  2016 – يىلى 9 – ئايدىن بۇرۇن، كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى ئىنچىكە ئېرىق كەنتىدە نەچچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن دېھقان مەتسىدىق تۇرسۇننىڭ بۇ دەرياغا بولغان مۇھەببەت – نەپرىتى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى.

  مەتسىدىق تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ دەريا ھەم دوستىمىز، ھەم دۈشمىنىمىز. دېھقانلار تېرىقچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، دەريا سۈيى بولمىسا ھوسۇل ئالالمايدۇ. ھەر يىلى 3 – ، 4 – ئايدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدۇ، 7 – ، 8 – ئايدا يەنە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىمىز.

  بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، جىن سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى چوڭ توغىنىنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆركەشلىگەن كېرىيە دەرياسى سۈيى چوڭ توسمىغا يىغىلدى، 65 ياشلىق مەتسىدىق تۇرسۇن كۆزىدىن سىرغىغان خۇشاللىق ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ ‹‹ياخشى كۈنلەر كەلدى›› دېدى.

  كېرىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان جىن سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى. قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 194 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتسە 454 مىڭ 300 مو يەرنىڭ سۇغىرىش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، تۆۋەن ئېقىن كەلكۈن توغىنىنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆلچىمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ مەتسىدىق تۇرسۇنغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قۇملۇقتىكى بوستانلىق، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان دېھقانچىلىق بىلەن نامى چىققان شىنجاڭنىڭ كىشى بېشى سۇ بايلىقى مىقدارى مەملىكەت بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرسىمۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، بىرلىك كۆلەمدىكى ھاسىلىي سۇ مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ. چوڭ – چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش سۇ بايلىقى بوشلۇقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدىكى ئۈنۈملۈك مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىر يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا 18 مىليارد 200 مىليون يۈەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنما پىلانى ئەمەلىيلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى.

  ئاراتاش، قارابەل قاتارلىق داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان سەككىز چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 14 سۇغىرىش رايونىنىڭ چوڭ تىپتىكى داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى بىلەن سۇ تېجەش، ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى؛ يېڭىدىن باشلانغان قۇرۇلۇش سارتوقاي سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى؛ جىن سۇ ئامبىرى توغىنى چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلاندى، نۇر سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى، باشقا نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يىللىق سېلىنما پىلانى %90 تىن يۇقىرى نىسبەتتە ئورۇندالدى.

  سۇچىلىق ‹‹قىلدام تومۇرى›› ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت – سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش

  بۇ بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا سۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

  سۇ جۈمىكىدىن سۈپسۈزۈك سۇ چۈشۈپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يار كۆۋرۈك يېزىسى ياركۆۋرۈك كەنتىدىكى تۇرسۇن توختىنيازنىڭ ئۆمۈر بويى دۇغلاشقان تۇزلۇق سۇ ئىچىپ كەلگەن تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى.

  ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار كۆپىنچە باسما قۇدۇق ئارقىلىق تارتىپ چىقىرىلغان يەر ئاستى سۈيىدىن ئىچىدىغان سۇ ئورنىدا پايدىلىناتتى، تارتىپ چىقىرىلغان سۇ تۇزلۇق، ئۇنىڭدا قۇم مىقدارى كۆپ بولۇپ، يەنە ئارىسىدىن ئەخلەت چىقاتتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى سۇچىلىق تارماقلىرى شەھەر تۇرۇبا تورىنى يېزىلارغا ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى، يېزا – بازار (بىرلەشمە كەنت)نى سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، يەككە كەنتنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلدى. ھازىر ناھىيە بويىچە تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %93 كە يەتتى.

  يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 190 مىڭ كىشى تۇرسۇن توختىنىيازغا ئوخشاش ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولغان پاكىز سۇ ئىچتى.

  خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا، سۇنى تىزگىنلەش مۇھىم. سۇچىلىق گۈللەنسە، ئامبارلار ئاشلىققا تولۇپ، يېزا ئىگىلىكى مۇقىملىشىپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ، شەھەر گۈزەللىشىدۇ. ‹‹خەلق تۇرمۇشى سۈيى››نى ياخشىلاش مىليونلىغان پۇقرانىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 500 مىڭ مو يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 33 مىليون 220 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى؛ يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى 31 يەككە تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، 2017 – يىلى قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ھەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى؛ مارالبېشى، كەلپىن ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى باشلاندى؛ نۇقتىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، 22 ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنىنى تىزگىنلەش، 11 تۈرلۈك سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى، 73 ناھىيە، شەھەرنىڭ تاغ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، 12 تۈرلۈك چوڭ – ئوتتۇرا تىپتىكى چاتىقى بار، خەتەرلىك سۇ توغىنىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ۋە 690 كەنت دەرىجىلىك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كىچىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى...

  چوڭ تىپتىكى تايانچ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملىدى، كىچىك تىپتىكى خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇچىلىق ‹‹قىلدام تومۇرى››نى تېخىمۇ يىراققا ئۇزارتتى. چوڭ – كىچىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاپ ياخشى ئۈنۈم يارىتىلىپ، پۇقرالارنىڭ سۇ جەھەتتىكى غەم – ئەندىشىسى، سۇ ئاپىتى، سۇ ئارزۇسى كۈچلۈك ھەل قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا كۈچ قوشتى.

  ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

  ئەگەر بىر تۈركۈم زور كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشلار، يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلار سۇچىلىق تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ شاھىتى دېيىلسە، ئۇنداقتا سۇنى تىزگىنلەش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۇچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سۇچىلىق تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە مەزمۇنىنى نامايان قىلىپ بەردى، دېيىشكە بولىدۇ.

  زىمىستان قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى ئاۋىتەن كەنتىدىكى يەن جۈنسەي مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: 2016 – يىلى 3000 مودىن ئارتۇق يەر تېرىپ، جەمئىي 60 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تېجىدىم، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسى ئارقىلىق 15 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشتىم.

  قۇتۇبى ناھىيەسى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سۇ باھاسى سودىسى سۇپىسىدىن ئالتىنى قۇرۇپ، 2 مىليون 820 مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودىسى قىلىپ، يىللىق سۇ تېجەش مىقدارىنى 12 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈپ، ھەممىسىنى 2 – ، 3 – كەسىپ ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىما سۈيىگە ئىشلەتتى.

  سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى پۇقرالارغا ئىدىيە جەھەتتە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئاتا قىلدى.

  سۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، سۇ سىياسىتىنى بېكىتىش بىر يىلدىن بۇيان تېخىمۇ مۇكەممەل يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئارقىلىق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىلدى:

  سۇچىلىق تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئومۇمىي يولغا قويۇش پىكرى›› ئاساسىدا ‹‹شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى ۋە سۇ بازارلىرى قۇرۇلۇشى يېتەكچى پىكرى (سىناق نۇسخىسى)››، ‹‹شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىياسەت ئاساسى ۋە نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىر يىلدىن بۇيان ئۆز – ئۆزىنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى:

  سۇ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، 46 تۈرلۈك سۇ مەمۇرىي تەستىقىنى ماقۇللاپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 21 تۈر قىسقارتىلىپ، قىسقارتىلىش نىسبىتى %50 تىن ئاشۇرۇلدى؛ مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىدىن باشقا ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، سۇ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 89 تۈرلۈك سۇ مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقى بېكىتىلىپ، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بوغما ھالەتنى بۇزۇپ، زاپاس كۈچنى كۈچەيتىش بىر يىلدىن بۇيان سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى:

  دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكىPPP ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇلۇغيار سۇچىلىق تۈگۈنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ PPP ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنىڭ لۇجۇاڭزى سۇ ئامبىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ۋە قۇرۇلۇش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ PPP ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن 30 دىن ئارتۇق تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېڭەيتىلدى.

  سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىدا كىمگە تايىنىمىز؟ كىم ئۈچۈن ئىسلاھات قىلىمىز؟ نەتىجىسىدىن كىم بەھرىلىنىدۇ؟ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز باشتىن – ئاخىر بىردەك: ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال سۇچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنى سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش