ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-06 11:55 مۇھەررىر :نەرگىز

  ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

  جاۋ جىيۈن خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دەرس باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرى بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە نورمال ھالەت شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك سىياسىي بىلىملەر ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، نىشان - ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 718 باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى.

   لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىش، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى. كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلار، بولۇپمۇ خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرى كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئورنىنى ئىستىھكام ئورنىدا چىڭ ساقلاپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كەسىپ قاتارىدا ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشتا بىرلىككە كېلىپ، ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت پىكىر يولىنى تەڭشەپ، ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «بىر نىشان»نى چىڭ چۆرىدەپ، «ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپە»نى چىڭ تۇتۇپ، «بەش تۈرلۈك ياخشى ئىش»نى ياخشى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قاتتىق بولۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئورگاندىن ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، شەھەردىن يېزىغا بېرىش، باشقۇرۇش قاتلىمىدىن مۇلازىمەت قاتلىمىغا بېرىشتىكى ئۆزگىرىشكە تېزدىن ماسلىشىپ، روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلىشى، خىزمەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئىستىل ئۆزگەرتىشتە ئەمەلىي بولۇشى، ئوبراز تۇرغۇزۇشتا دۇرۇس بولۇشى، ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئىشنى ئىتتىپاقلىشىپ، قايناق ھېسسىياتتا پۇختا ئىشلەپ، خىزمەت ئىدىيەسى، خىزمەت پوزىتسىيەسى، خىزمەت پىكىر يولى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى؛ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەنتكە بارغاندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا ئاساس سېلىشى كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش