ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈش كېرەك

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-06 11:55 مۇھەررىر :نەرگىز

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

    مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ 1- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇلتۇر سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي سەرخىللاشتۇرغان، ئالدىنقى 11 ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2015- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7ئېشىپ، سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %69.7كە يەتكەن.

    بۇلتۇر 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەملىك سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2015- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئېشىپ، ئېغىر سانائەت نىسبىتى %85.2 تۆۋەنلىدى. خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، رەڭلىك مېتال، تېببىي دورا ساھەسى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

    بۇلتۇر ئاپتونوم رايون تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. پولات- تۆمۈر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش بويىچە 900 مىڭ توننا پولات- تۆمۈرنى ئاز ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، سېمونت كەسپىدە بېسىق مەزگىلگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى مەملىكەت بويىچە تەقدىرلىنىپ، پۈتۈن ساھە بويىچە بۇلغىنىشنى بۇلتۇرقىدىن %80 ئازايتتى. تۆۋەن باھالىق توك، تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى 5 مىليارد 160 مىليون يۈەن يېنىكلەتتى. كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىش مۇندەرىجە تىزىملىكىنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ 2 مىليارد يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى.

    يىغىندا يەنە 2017- يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەر ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈپ، سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاشنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھالقا قىلىشى؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، كەسىپ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ سانائەت ئىقتىسادىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشى ؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى ھەم زورايتىشى؛ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ پەن- تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ كارخانىچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش