ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يول بۆلىكىدە 3-نويابىردىن 4-نويابىرغىچە گاز توختايدۇ

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-11-03 18:14 مۇھەررىر :نەرگىز

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېڭى يېقىلغۇ گاز ئابونتلىرىغا گاز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 3-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە گاز توختايدىكەن.

  3-نويابىر سائەت 15:00دىن 18:00گىچە تيەنخۇي يولى (خېنەن يولى -چىڭخەي يولى)، چىڭخەي يولى (بېيجىڭ يولى-تيەنخۇي يولى) قاتارلىق جايلاردىكى ئىدارە-ئورۇن ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئۈچ سائەت گاز توختايدىكەن. 3-نويابىر سائەت 23:00دىن 4-نويابىر سائەت 08:00گىچە شىنچۇەن كوچىسى، دۇڭچۇەن يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدىكى ئىدارە-ئورۇن ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا توققۇز سائەت گاز توختايدىكەن. 3-نويابىر سائەت 23:00 دىن 4-نويابىر سائەت 09:00 گىچە خوتەن 2-كوچىسى (چىيەنتاڭجياڭ يولىدىن گۇچۇڭ يولىغىچە) ۋە خېنەن كوچىسى (تۇرپان يولىدىن شىخۇ يولىغىچە) قاتارلىق جايلاردىكى ئىدارە-ئورۇن ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا 10 سائەت گاز توختايدىكەن. 4-نويابىر سائەت 15:00دىن سائەت 18:00گىچە شەرقىي خېبىې يولى (سىپىن يولىدىن چاڭچۈن يولىغىچە) ياقىسىدىكى بىر قىسىم ئىدارە-ئورۇن ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئۈچ سائەت گاز توختايدىكەن.

  يېقىلغۇ گاز ئابونتلىرى يېقىلغۇ گازغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى 96517گە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش