4-نويابىر ئۈرۈمچى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-11-03 18:15 مۇھەررىر :نەرگىز

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2-نويابىر ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃10 قا چىقتى. بۈگۈن يەنى 3-نويابىر يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃14 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ئەمما، سىبىرىيەدىن كەلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ بارا-بارا قىستاپ كېلىشى بىلەن، 4-نويابىر كېچىدە ئۈرۈمچى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قار ۋە يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

  شەرقىي جەنۇب شامىلى ھاۋانى ئەمدىلا ئىللىتىپ تۇرۇشىغا ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى كۈتۈۋالىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2-نويابىر تارقاتقان مۇھىم ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 4-نويابىر چۈشتىن كېيىندىن 5-نويابىر چۈشكىچە ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىدا قار ئارىلاش يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق قارغا ئۆزگىرىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا قاتتىق ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 5 ~ 4 بال غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىدە ھەر قايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، 6-نويابىر سەھەردە ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃6- بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش