ئۈرۈمچىدە 24-دېكابىردىن باشلاپ زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدۇ

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-27 11:39 مۇھەررىر :نەرگىز

  يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 24-دېكابىردىن 28-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللە كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى، ئاممىغا قولايلىق قوي، كالا گۆشىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قاتارلىق 76 نۇقتىدا شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدۇ.

  22-دېكابىر شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ قېتىم بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 32 يۈەن، يېڭى كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 45 يۈەن، توڭلىتىلغان قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 22 يۈەن، توڭلىتىلغان كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 43 يۈەن، توڭلىتىلغان يېڭى توخۇ گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 12 يۈەن بولىدىكەن.

  زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىشتا كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، تالىشىپ سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەم پەقەت قوينىڭ يېرىمى، بەش كىلوگرام ئەتراپىدا كالا گۆشى، بەش تال توخۇ سېتىۋالالايدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئاھالىلەر ئاۋۋال سېتىۋالالايدىكەن.

  بۇ قېتىم زاپاس گۆش بەش كۈن بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر سائەت 9:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)دىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش