شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-10-03 10:33 مۇھەررىر :خەلچىگۈل تۇردى

   

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا لۇكاشېنكونى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بېيىشتەك جۇڭگو-بېلارۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بېيىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»غا بىرلىكتە ئىمزا قويدى ھەمدە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق، ساياھەت، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

  شى جىنپىڭ لۇكاشېنكو بەرگەن بېلارۇسىيە «تىنچلىق ۋە دوستلۇق» مېدالىنى قوبۇل قىلدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىدىكى مەيداندا لۇكاشېنكونى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.(تامام)

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش