خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت : 2016-10-03 10:36 مۇھەررىر :خەلچىگۈل تۇردى

   

            پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 30- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، جۇڭخۇا روھىنى بىرلىكتە يارىتىمىز. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 30- سېنتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھەنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

      تيەنئەنمېن مەيدانىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى گۈللۈكتە قىزىل، ئاق ئىككى خىل گۈلدىن ياسالغان گۈل چەمبىرەك خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تاراتتى. 3000 دىن ئارتۇق ھەر ساھەنىڭ ۋەكىلى گۈللەرنى تۇتقىنىچە خاتىرە مۇنارىغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇراتتى.

      بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 غا ئاز قالغاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، پىيادە مېڭىپ چاسا سەپ تۈزگەن ئامما ئالدىغا ئۆتۈپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

      جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىسى «ئىنقىلابىي قۇربانلار بۇرغىسى»نى ياڭراتقاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام، قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

      «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلان!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

      بېيجىڭ ۋاقتى دەل سائەت 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر«پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، ئارقىدىن نەق مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

      دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەيداندىكىلەر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇردى ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

      سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆسمۈر- بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى ھەم كوللېكتىپ ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

      ئامما تۈزگەن چاسا ئەترەت ئالدىغا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ نامى بىلەن تەقدىم قىلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغان بولۇپ، گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەنزۇچە سەككىز خەت يېزىلغان ئىدى.

      ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىغاندا، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ ماڭدى ھەم گۈل سېۋىتىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ سۇپىسىغا قويدى.

      شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقىدىن خاتىرە مۇنارىنىڭ سۇپىسىغا چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى، سېرىق خەيرىگۈل، قىزىل ئەتىرگۈل، ئوتقاشتەك ئانتۇرىيە چاتقىلى، پۇراقلىق گۈلسامساق... ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر سېغىنىش ھەم گۈزەل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەنىدى.

      شى جىنپىڭ ئالدىغا چىقىپ گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزەپ قويدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن قارىدى.

      پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى100يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى.

      ئۆسمۈر- بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قارىدى.

      گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلوڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

      مۇراسىمغا بېيجىڭدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

      گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 8- قارارلىق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى قۇردى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ يېكەنكۆل شەرق يولى 30- نومۇرى    پوچتا نومۇرى:830063    E_mail:webmaster@hongshannet.cn
ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئىجازەتنامە:6512013001    新ICP备11001248号   رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرنى ياساش ئىگىلىك ئىجازەتنامە (يېڭى) 85- نومۇرى
Copyright www.hongshannet.cn All Rights Reserved قىزىلتاغ تورى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگدارلىق قىلىش