ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ، پۇل-مۇئامىلە ۋە قاتناش مەركىزى،شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى تۇتاشتۇرىدۇ شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى ،  غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ قاتناش ئۇچۇر تۈگۈنى، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇىدىكى 2-چوڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە جۇڭگونىڭ غەرىبنى ئېچىۋىتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ئىچىدىكى ئونۋېرسال ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە 16-ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش چوڭ دۆلەت ئېچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. 

     ئۈرۈمچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى ، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان. غەرب شەرق تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاست بىلەن چىگىرلىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاست بىلەن قوشنا، شەرق تەرىپى تۇرپان بىلەن چىگىرداش، ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم شەھەر. 

    ئۈرۈمچىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن، « ئۈرۈمچى» قەدىمىي جۇڭغار تىلىدا « گۈزەل يايلاق » دىگەن مەنىدە ئىكەن، قەدىمي يىپەك يولىنىڭ غەربىدىكى ستراتېگىيىلىك مۇھىم جايى، شەرق غەربنىڭ ئىقتىساد مەدەنىيتىنىڭ قوشۇلۇش ئورنى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئىقتىساد- مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلغان جايى. 

    ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدە تۇرپان قۇمۇل نېفىتلىكى، جەنۇبتا تارىم نېفىتلىكى، شىمالدا شەرقىي جۇڭغارىيە نېفىتلىكى، غەربىدە قاراماي نېفىتلىكى بار. يەر ئاستى كۆمۈر زاپىسى ئون مىليارد توننىدىن يۇقىرى، قېزىشقا بولىدىغان كۆمۈر قەۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 80 مېتىر، «نېفىت دېڭىزى ئۈستىدىكى كۆمۈر شەھەرى» دىگەن نامى بار. شەھەر رايونىدا داڭلىق قىزىلتاغ، پارقىراق كۆل (ھازىرقى خەلق باغچىسى)، قاتارلىق «سەككىز مەنزىرە» سى بار، شەھەر ئەترەپىدا جەنۇبىي تاغ ساياھەت مەنزىرە رايونى بار. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۈرۈمچى چەتئەلچە ئاتىلىشى Urumqi
باشقىچە ئاتىلىشى ئۈرۈمچى شەھىرى، دىخۇا مەمۇرىي رايون تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى
تەۋەلىكتىكى رايونلار 7 رايون، 1 ناھىيە رايون نومۇرى 0991 (+86)
پوچتا نومۇرى 830002 نوپۇسى 3 مىليون 500 مىڭ (2013)
ئاپتوموبىل تاختا نومۇرى 新A مەمۇرىي نومۇرى 650100
ھازىرقى رەھبەرلەر جۇ خەيلۈن، ئېلھام سابىر ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئۇيغۇر تىلى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى كۆلۈمى 1.4 تۈمەن كۋادىرات كىلومېتىر (2013)
يەرلىك شىۋەسى لەنيىن ئومۇمىي تىلى، ئۈرۈمچى سۆزى ئىقلىم شارائىتى ئىسسىق بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
ئوتتۇرچە GDP قىممىتى 11 مىڭ 346 ئامېرىكا دوللىرى ئاساسلىق مىللەت ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىقلار
قاراشلىق رايون غەربىي شىمال رايون، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئايرودروم دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى
داڭلىق سەيلىگاھلار خەلقئارا چوڭ بازار، خانتاڭرى مەسچىتى، قىزىلتاغ، بۇلاقتاغ، 1-نۇمۇرلۇق مۇزلۇق
پويىز ئىستانسىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى
ئاتاقلىق ئۇنۋېرىستېتلار شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى
رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 260 مىليارت يۈەن (2013)

يېڭى تاش قورال دەۋرىدىلا، ئىنسانلار بۇ يەردە ياشاپ كۆپەيگەن. 

يىغىلىق دەۋرىدە، قەدىمقىي قوشلۇقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان دائىرىسىگە تەۋە. 

شەرقى خەن دەۋرىدە، شەرقىي قوشلۇق ئالتە بەگلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 

غەربىي خەن دەۋرىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدا ئوننەچچە چارۋىچى قەبىلىلەر تارقالغان بولۇپ، تارىختا «13 دۆلەت زىمىنى» دەپ ئاتالغان، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى بۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. 

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋردە، ئارقا قوش بەگلىكى ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدا (ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا) شەھەر قۇرغان ۋە ئۈرۈمچىنىڭ بىرىنچى شەھىرى دەپ ئاتالغان. 

جىن، سۈي ئىككى سۇلالە دەۋرىدە، يېپەك يولى شىمالىي يول بۆلىكىنىڭ ئېچىلىشى، ئۈرۈمچىنى شىمالىي يول بۆلىكىدىكى مۇھىم يەرگە ئايلاندۇرغان. 

مىلادىي 648-يىلى (جىنگۈەن 22-يىلى)، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبى 10 كىلومېتىر دائىرىسىدە ئورۇمتاي شەھىرىنى قۇرغان. ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان ئۇلانباي سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى قەدىمقى شەھەر خارابىيلىقى شۇ دەۋردىكى ئورۇمتاي ناھىيىسىدۇر. 

مىلادىي 663-يىلىدىن باشلاپ، تاڭ سۇلاسى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى دەرياسى بويىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن. 

702-يىلى بېشبالىقتا بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، ئورۇمتايدىكى قوشۇننى كۆپەيىتكەن. «يېڭى تاڭ كىتابى، تۈبۇتلەر قىسسىسى» دە « ئورۇمتاي ، ئىۋىرغولدا بوز يەر ئېچىپ، خېشۇدا ئۇچرىشايلى» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئورۇمتايدا ئۈچ يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن شائىر سېن سەن مۇنداق شېئىرلارنى يازغان :«مۇداپىئە راۋىقىدا تۇرسا غەربتىكى ئىس تۈتەك كۆرۈنمەكتە، خەن ئەسكەرلىرى شىمالىي ئورۇمتايدا بوز يەر ئاچماقتا». 

771-يىلى، تاڭ سۇلاسى ھۆكۈمىتى ئورۇمتايدا يەنە «جىڭسەي قوشۇنى» نى تەسىس قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيلىك جاينى قوغدىغان. كىيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاجىزلاشقان ۋاقىتتا، يەرلىك ھاكىمىيەت نۆۋەتلىشىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئۇرۇش ئاپىتىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە زور ئاپەت بولغان. 

1755-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 20-يىلى)، ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك ئېچىش باشلانغان. ئۈرۈمچىدە شەھەر قۇرۇپ ئەسكەر تۇرغۇزغان، چىڭ ھۆكۈمىتى بوز يەر ئېچىشقا ئىلھام بېرىپ، ھاشارنى يېنىكلەتكەن. ئۈرۈمچىدە يېزا ئىگىلىك، سودىگەرچىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىر قەدەر تىز تەرەققىي قىلىپ، بايلىقى مول شەھىرى ئاۋات دېگەن نامى چەت رايونلارغا تارقالغان. چىڭ ھۆكۈمىتى جۇڭغار مالىمانچىلىقىنى تىنجىتقاندىن كىيىن، ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ شاپتۇللۇق ئەتراپىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ سېپىل قۇرۇپ، يەر نامىنى «ئۈرۈمچى» گە ئۆزگەرتكەن. 

1758-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 23-يىلى)، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، بوز يەر ئېچىش ۋە سودىگەرچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چىڭ قوشۇنى ھازىرقى ئاق قوۋۇقنىڭ سىرتىدا توپا سېپىلنى قۇرۇپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى سېپىلىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى شەكىللەنگەن. 

1763-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 28-يىلى)، يەنە كونا توپا سېپىلنى شىمالغا كېڭەيتىپ، ئايلانما ئۇزۇنلىقىنى بەش چاقىرىم ئۇزىراتقان. قۇرۇلۇش پۈتكەندە، چىيەنلۇڭ خان كېڭەيتىلگەن شەھەرگە «دىخۇا» دەپ نام بەرگەن. 

1772-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 37-يىلى)، دىخۇا شەھىرىنىڭ غەربىگە يېڭى شەھەر لومەنچىڭ شەھىرىنى قۇرۇپ چىققان، شەھەردە مانجۇرلارنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى ئولتۇراقلاشقان. 

1773-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 38-يىلى)، ئۈرۈمچى دىخۇا ئايمىقىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئۈرۈمچىنىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى ئۈرۈمچى تۇتۇڭىغا ئايلانغان، شەنشى-گەنسۇ ۋالىيسى ما لىكۈن دىخۇا ئايمىقى لومەنچىڭ شەھىرىگە يۆتكەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ لومەنچىڭ شەھىرى شۇ چاغدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي ھۆكۈمىران يۇرگىزىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. 

1864-يىلى (تۇڭجىنىڭ 3-يىلى)، لومەنچىڭ شەھىرى ئۇرۇشتا ۋەيران بولدى. 

1880-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ 6-يىلى)، دىخۇا شەھىرىنىڭ شەرقىدە «يېڭى لومەنچىڭ شەھىرى» قۇرۇلدى، بۇرۇنقى دىخۇا شەھىرىدە ئامما ۋە سودىگەرلەر ئولتۇراقلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي «خەنچىڭ» دەپ ئاتالدى. 

1884-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ 10-يىلى)، شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنىپ، دىخۇانى ئۆلكە مەركىزى قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دىخۇا شەھىرى شىنجاڭنىڭ سىياسى مەركىزىگە ئايلاندى. ئىككىنچى يىلى دىخۇا بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقىدىن دىخۇا مەھكىمىسىگە ئۆستۈرۈلدى. 

مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى)، ئۈرۈمچى باركۆل ۋىلايىتىنىڭ داۋتەي (ۋالىيسى) نى كۆزەتكۈچى قىلىپ ئۆزگەرتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە دىخۇا مەھكىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىخۇا ناھىيىسىنى ساقلاپ قالغان. 

مىگونىڭ 29-يىلى (1940-يىلى)، دىخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت كومىتېتى قۇرۇلدى. 

مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى)، 1-نويابىر دىخۇا رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ، بىرلا ۋاقىتتا شەھەر ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەرنى بەش رايونغا بۆلدى، دىخۇا ناھىيىسى دىخۇا ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراشلىق بولۇپ، تەۋەلىكتە 6 يېزا، 2 چارۋىچى رايون ۋە داۋانچىڭ بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايون دەرىجىدىن  تۆۋەنلەرنى باۋ جيا دەپ ئاتىغان. 

1949-يىلى، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىندى. 17-دېكابىر دىخۇا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. دىخۇا شەھىرى قايتىدىن 7 رايونغا بۆلۈندى. 

 شەھەر ئەتراپىدا دېھقانلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، يەر ئىسلاھاتى ئاساسىدا 3 يېزا قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى. 

1954-يىلى 1-فېۋرال دىخۇا شەھىرى رەسمىي ھالدا بۇرۇنقى ئۈرۈمچى نامىنى قوللاندى. 

1999-يىلى 10-ئاۋغۇست، گوۋۇيۇەن ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى تاغ كان رايونىنىڭ نامىنى جەنۇبى بۇلاق رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىدى. 

2002-يىلى 9-ماي، گوۋۇيۈەن ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى بۇلاق رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشنى تەرتىپكە سېلىشكە تەستىقلىدى: (1) ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ئۇلانباي كوچىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ داۋانچىڭ بازىرى، دۇڭگۇ يېزىسى، شىگۇ يېزىسى، ئاقسۇ يېزىسى، سايوپۇ يېزىسى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى بۇلاق رايونىنىڭ باشقۇرىشىغا تەۋە. (2) جەنۇبى بۇلاق رايونىنىڭ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋانچىڭ رايونىغا ئۆزگەرتىلدى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرالغۇ يېرى يۇئېرگۇ ئازگىلىدىن داۋانچىڭ بازىرىغا يۆتكەلدى. 

2007-يىلى 1-ئاۋغۇست، گوۋۇيۈەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مىچۈەن شەھىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قوشىۋىتىشنى ماقۇللىدى، مىچۈەن شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى كۆكتاغ رايونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنى تەسىس قىلدى. مەمۇرىي رايونغا ئايرىش تەڭشەلگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئەسلىدىكى 10900.77 كۋادىرات كىلومېتىردىن 14216.3 كۋادىرات كىلومىېتىغا كېڭەيدى. مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئەسلىدىكى مىچۈەن شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆكتاغ رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى بولۇپ، كۆلىمى 3407.42 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹گۈزەل يايلاق ››دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ    ،    دۇنيا بويىچە دېڭىز –ئوكياندىن ئەڭ يىراق شەھەر ھېسابلىنىدۇ . شەرقىي جەنۇبى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن ، جەنۇبى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ، غەربى ۋە شىمالى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ . ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد مەركىزى . قارمىقىدا تەڭرىتاغ رايونى ، سايباغ رايونى ، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ، بۇلاقتاغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ،داۋانچىڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بار ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇلاقتاغ رايونىدا ، 2003–يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1مىليون 815مىڭ 300بولۇپ ، ئاساسلىقى خەنزۇ ،ئۇيغۇر ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان .
      تەبىئىي بايلىقى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي ، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ ، شىمالىي قىسمى كەڭ كەتكەن ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى . سۇ بايلىقىدىن ئۈرۈمچى دەرياسى ، تۇدۇڭخابا دەرياسى ، بەيياڭخې دەرياسى ، سايئوپا كۆلى قاتارلىقلار بار . ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز، كۆمۈر، گلاۋبېر تۇزى، نېفىت، تۆمۈر، مانگان، فوسفور، گەج، نېفىتلىق سلانېتىس، مىس قاتارلىقلار بار . بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ ،‹‹كۆمۈرلۈك ئۇستىدىكى شەھەر ››دېگەن نامى بار .ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز ، تاغ ئۆچكىسى ، ئارقار ، قارا لەيلەك ، چوڭ دوغداق،قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار .ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن تاغ لەيلىسى ، سوغىگۈل ، قانتېپەر ، چاكاندا ،چۈچۈكبۇيا ، زاراڭزا قاتارلىقلار بار . ئۈرۈمچى شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ،يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى7.0، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى271.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2164.2 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 168كۈن .
      ئىگىلىك ئىقتىسادى : ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇنىۋېرسال سانائەت شەھىرى ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا شەھىرى . ئۇنىڭدا نېفىت –خىمىيە سانائىتى ، پولات–تۆمۈر ، مېتاللۇرگىيە ،كۆمۈر ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ، ماشىنا –ئېلېكتر ، ئاساسىي خىمىيە سانائىتى ، پاختا–يۇڭ توقۇمىچىلىق ، يېمەكلىك پىششىقلاش ، قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان ، تۈرى بىر قەدەر تولۇق زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن . ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تىپىك شەھەر ئەتراپى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ، ‹‹كۆكتات –مېۋە ، سۈت–ئۆي قۇشلىرى ،گۆش–سۇ مەھسۇلاتلىرى››قاتارلىق ئۇچ چوڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلەر سانائىتى شەكىللەنگەن .
      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى : ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى ۋە شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى، ئۈرۈمچى ئايرودرومى مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ ئايرودرومنىڭ بىرى . ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق گۇرۇپپىلاش ئىستانسىسى . شەھەر رايونىدىكى يوللار تەرەپ–تەرەپكە تۇتاشقان، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى ، تاشقى ئايلانما يول ، تۇرپان –ئۈرۈمچى –داخۇاڭشەن ، ئۈرۈمچى–كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىقلار ئۆز–ئارا تۇتاشقان بولۇپ ،شەرقتىن ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن ، غەربتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان زامانىۋى ستېرېئولۇق ‹‹يىپەك يولى››نى شەكىللەندۈرگەن .ئۈرۈمچىدە ھەيۋەتلىك گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە باي ئانتروپولوگىيلىك مەنزىرىلەر ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان داۋانچىڭ ، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايئوپا كۆلى ، تۇز كۆل، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە دۆڭكۆۋرۈك ،‹‹مۇزلۇقتىكى تىرىك قاتما ››دەپ نام ئالغان 1–نومۇرلۇق مۇزلۇق ، گۈزەل مەنزىرىلىك نەنسەن داڭلىق ساياھەت رايونى ، جۈخۇاتەي ، بەيياڭگۇ ،نۇرغۇن بىباھا گۆھەر ساقلانغان ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ، گېئو مۇزېي ، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جاي ، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىلتاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىمۋولى ، ئۇنىڭغا چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز ،زامانىۋى داڭلىق شەھەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. 

    2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:00 دە باشلانغان 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە شەھىرىمىزدىكى دائىمىي نوپۇس 3112559 ئادەم،2000-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى 2081834 ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا،10 يىل ئىچىدە 1030725 ئادەم سانى كۆپەيگەن،%49.51 ئاشقان.يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش مىقدارى %4.10بولغان.شەھەرنىڭ دائىمىي نوپۇسىدا،ئەر نوپۇس 1810775 ئادەم،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %51.75نى ئىگىلەيدۇ؛ئايال نوپۇس 1501784 ئادەم،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %48.25نى ئىگىلەيدۇ.شەھەرنىڭ نوپۇسىدا،خەنزۇ مىللىتى 2331654 ئادەم،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %74.91نى ئىگىلەيدۇ،ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر 780905 ئادەم،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ%25.09نى ئىگىلەيدۇ. 

ئۈرۈمچى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ،ئاساسلىقى   ، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن سىرت يەنە خۇيزۇ،قازاق،مانجۇ،شىبە،مۇڭغۇل،قىرغىز،تاجىك،تاتار،ئۆزبىك،ئورۇس،داغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلىشىپ ياشايدۇ،ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 49 ئازسانلىق مىللەت بار بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 110 مىڭ 300 ئادەم. 

ۋاقتى:مىلادىيە 7-ئەسىر 

بەرپا قىلغۇچى:مۇھەممەد  

ئورنى:ئەرەب يېرىم ئارىلى 

كىتابى:«قۇرئان كەرىم » 

ئىسلام دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچە مەنىسى «ئىتائەت قىلماق»، «تىنچلىق»، ئالەملەرنىڭ بىردىن-بىر ياراتقۇچىسى ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنى ئوموملاشتۇرۇلۇپ « مۇسۇلمان» لار دەيدۇ. 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مەدىنىدە مۇھەممەد (تەخمىنەن 570-632يىللار) تەرىق قىلغان. ئاساسلىق، ئاسىيا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى، غەربىي ئاسىيا قىتئەسى، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قىتئەلىرىگە كەڭ ئومۇملاشقان. كىتابى بولسا « قۇرئان كەرىم» . 

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىقتىسادىنىڭ ئىككىنچى بەلبىغى ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قوشنىداش، قەدىمدىن تارتىپ غەرب بىلەن شەرقتىكى سودىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلارغا بولغان تەسىر كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك. 

2013-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 240 مىليارت يۈەن بولدى، سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان باھا بىلەن ھېسابلىسا، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا% 15.0 ئاشقان. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2.7 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 6.2 ؛ ئىككىنىچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 93 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 14.8 ؛ ئۈچۈنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 144.3 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 15.3. ئۈچ قېتىمقى كەسىپنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.3 ، 4.7 ۋە 10.0 پىرسەنت ئېشىشىقا تۈرۈتكە بولغان. ئۈچ قېتىمقى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ نىسبىتى 1.1:38.8:60.1 بولغان. پۈتۈن يىلدىكى يەرلىك مالىيە كىرىمى 40 مىليارت يۈەننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 40.071 مىليارت يۈەن بولدى، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا% 26.1 ئاشقان. 

بىرىنچى كەسىپ

  2012-يىلى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4.957 مىليارت يۈەن بولغان، سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان باھا بىلەن ھېسابلىسا، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا% 6.02 ئاشقان. دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 2.345 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 2.54 بولغان؛ ئورمانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 148 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 52.05 بولغان؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 2.27 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 6.6 بولغان؛ بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 96 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 2.6 بولغان؛ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 250 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 25.9 بولغان. 

ئىككىنچى كەسىپ

 ئۈرۈمچى شەھىرى نېفىت خىمىيە، مېتاللۇگىيە، توقۇمىچىلىق، ماشىنا سانائىتى، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېمەكلىك، يىنىك سانائەت، ئېلېكتر ئۇچۇر قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپ توپلىمىسىنى ھاسىل قىلدى، كەسىپ تۈرى تولۇق، كەسىپ قۇرۇلمىسى بارغانسېرى مۇۋاپىق بولماقتا، بولۇپمۇ نېفىت خىمىيە، مېتالۇگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئىككىنچى كەسىپنىڭ تۆۋرۈكى بولۇپ قالدى. ئىككىنچى كەسىپ پۈتۈن شەھەر GDP قىممەت نىسبىتىنىڭ% 38.8 ئىگەللەيدۇ. كاڭ ئۇستام، كوكا كولا، ئاركات، SK ، جىيالى داتۇڭ، ئاممىباب، ۋېيلىيا، خۇيپۇ، شىمىنزى، كورىيە خەنخۇا، دانىيە LM ، تويوتا، ئىتالىيە سوكىسومۇ، كارلىسبېرىت، تۇڭيى، كورىيە داۋو، لۇفۇتخەنسا ئاۋىئاتسىيەسى، ياپونىيە يىغىلما سۇ خىمىيەسى، فىرانسىيە سۇيۇقلاندۇرۇلغان ھاۋا قاتارلىق دۇنيا ۋە جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلار ئۈرۈمچىگە جايلاشتى. 

2012-يىلى بارلىق سانائەت كارخانىلىرى قوشۇلما قىممەتنى 75 مىليارت يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا% 15.5 ئاشۇرغان. پۈتۈن يىل كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىساد ئۈنۈمى ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى 188.49 بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 18.2 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە مۈلۈك قەرز نىسبىتى% 54.52 بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈك ھەسسە نىسبىتى% 12.35 بولغان. 

2013-يىلى بارلىق سانائەت كارخانىلىرى قوشۇلما قىممەتنى 79.4 مىليارت يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا% 14.7 ئاشۇرغان. پۈتۈن سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە نېفىت كەسپىدىن باشقا سانائەت كارخانلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى 48.93 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ،% 21.8 ئاشقان؛ نېفىت سانائەت كارخانلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 30.47 مىليارت يۈەنگە يەتكەن بولۇپ،% 5.2 ئاشقان. پۈتۈن يىل كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانلىرىنىڭ پايدا بېجى 29.805 مىليارت يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا% 6.9 تۆۋەنلىگەن؛ 13.76 مىليارت يۈەنلىك پايدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،% 11.1 تۆۋەنلىگەن. 

ئۈچىنچى كەسپ

شىنجاڭ ئەتراپتىكى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك پورتتىن 17 سى، ئىككىنچى دەرىجىلىك پورتتىن 10ى بار ، ئۈرۈمچى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تاۋار يىغىش-تارقىتىش بازىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى يىغىش-تارقىتىش بازىرى بولۇپ، خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشتىكى مۇھىم مۇنبەر بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى 8 دۆلەتكە تايىنىپ، 200 گە يېقىن ھەر تۈرلۈك تاۋار سودا بازىرىنى قۇردى. 

    2013-يىل ئاخىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار 659 مىڭغا يەتكەن، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا% 0.1 تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 138 مىڭ بولۇپ،% 1.5 ئۆسكەن؛ ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 86 مىڭ 800 بولۇپ،% 1.6 تۆۋەنلىگەن؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار169 مىڭ400 بولۇپ،% 0.3 ئۆسكەن؛ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار198 مىڭ 700 بولۇپ،% 0.8 ئۆسكەن؛ بالىلار باغچىسىدىكى بالىلار 65 مىڭ 600 بولۇپ،% 0.7 تۆۋەنلىگەن؛ ئالاھىدە مائارىپتىكى ئوقۇغۇچىلار 500 بولۇپ،% 2.0 ئۆسكەن. 

  2011 -يىلى شىنجاڭ ئوڭۇشلىق ھالدا 2016 -يىلىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى  ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 

  تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، 2011 -يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىگە 2016 -يىللىق مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مۇزتاغ مەنزىرىسى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھەمدە ئىنچىكە تەييارلىق خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، لياۋنىڭ قاتارلىق رىقابەتچىلىرىدىن ئۈزۈپ چىقىپ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى. 

  » 2016 -يىلىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى  ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى»دىن ئىگەللىنىشىچە بۇ قېتىملىق قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈرۈمچى، فۇكاڭ، ئالتاي، شىخەنزە قاتارلىق تۆت شەھەردە مۇسابىقە مەيدانى تەسىس قىلغان. 

  تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى  ئىلتىماس قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە شەكىل چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قىسقا ئارىلىققا تىز سۈرئەتتە تېيىلىش، مۇز توپ، ئېگىز تاغدا مۇز تېيىلىش قاتارلىق تۈرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 

  شىنجاڭنىڭ مول بولغان تەنھەرىكەت مەنبەسى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ شىنجاڭدا قىشلىق ساياھەتچىلىك، قىشلىق دالا پائالىيەتلىرى قىزىماقتا. قىش پەسىلىدە قار-مۇز ھەۋەسكارلىرى يىلسېرى كۆپەيمەكتە. بۇلارمۇ شىنجاڭنىڭ پۇتۇن مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماش قىلىشىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىكى ھېسابلىنىدۇ. 

  2012 -يىلى 3- يانۋار، 12 -نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  12 -نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەكىللىرى مۇسابىقە بايرىقىنى ئۆتكۈزىۋالغان. 

    شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى ياش ھەم شىجائىيتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان كوماندا. ئېلگىرىكى دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرنېرى، بۇرۇنقى 1-ئاۋغۇست ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرنېرى ۋۇ شىنشۈي، بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر كوماندىسىدا ئىككى مۇسابىقە پەسىلى باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇلارنىڭ كەسكىن پوزىتسىيەسى، ئېھتىياتچان ئۇسلۇبى، قاتتىق مەشىقى كوماندا ئەزالىرىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاق ھازىرلاپ بەرگەن. ھازىرقى ترېنېر سۈي ۋەنجۈن. تۆت قېتىم جۇڭگو ئەرلەر كەسپى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە ئېككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 

    1999-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ گۇاڭخۈي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىرلىكتە شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى قۇردى. 2000-يىلى مەملىكەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، ئالتە مەيدان ئۇتۇپ مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىكلەر B دەرىجە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى؛ 2002-يىلى مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىكلەر B دەرىجە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىكلەر A دەرىجە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى؛2003-يىلى مەملىكەتلىك «يېزا ئىگىلىك بانكىسى لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرگەن؛ جۇڭگو CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2002-2003 ۋە2003-2004 يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇدا 5-بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، 2004-2005 يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدە  7- دەرىجىلىككە ئېرىشكەن. تۆت قېتىم جۇڭگو ئەرلەر كەسپى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە ئېككىنچى بولغان. 

شىنجاڭ تەڭرىتاغ قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى 2011-يىلنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى خۇبېي خۇا كەيېر پۇتبول كۇلۇبى. خۇا كەيېر ئلاھىدە پولات چەكلىك شىركىتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. شىنجاڭ تەڭرىتاغ قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى 2012-يىلنىڭ بېشىدا ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ تاماملىنىپ، 2012-يىللىق مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن، 2013-يىلى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنى ساقلاپ قالغان. 2014- يىلى 1- ئايدا كوماندا خۇبېي خۇاڭشىدىن شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، كوماندىنىڭ ئىسمىنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ قار يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 

 

 

    قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، 2002-يىلى 86 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان بۇ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئۈستى قىسمى ئېچىلىپ تۇرغان قار لەيلىسىگە، تۆۋەنكى قىسمى ئۇچار تەخسىگە ئوخشايدۇ، سىرتقى قىسمىنى كۈلرەڭ ئەينەك بىلەن قاپلانغان، قىزىلتاغنىڭ مەنزىرىسى بىلەن بىرىكىپ ناھايىتى چىرايلىق كۆرىنىدۇ، ئۈۈمچىنىڭ داڭلىق ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى. 

    قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەركىزى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە تاللا بازىرى، يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە سىرتقى ئايلانما يولىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن. تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى قوش قەۋەتلىك ئايلانما كارىدورنىڭ لاھىيەلىنىشى كېشىنى ئۆزىگە ناھايىتى مەپتۇن قىلىدۇ، بىرىنجى قەۋەتتىكى ئايلانما كارىدوردا تۇرۇپ ئونىۋېرسال ساراي ئىچىدىكى توپ مۇسابىقىلىرىنى كۆرگىلى يەنە كېلىپ قىزىلتاغنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى قىۋەتتىكى ئايلانما كارىدور تەنتەربىيە سارىيىنىڭ چوققىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىنى ئازادە مۇھىتتا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. تەنتەربىيە سارىيى مەركىزىنىڭ «مەركىزى نېرۋا» قىسمىدىكى يۇمىلاق ئۆگىزە قىسىمى ئالاھىدە بولۇپ، 4500 دانە قىزىل، سېرىق، كۆك، كۈلرەڭ ئورۇنلار تۆۋەندىن يۇقىرىغا،يېقىندىن يىراققا تىزىلغان.ئۇ قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئىككى بۆلىكىدىكى زەر ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك كۆرىنىدۇ، 40مىڭ كۋادرات مېتىرنىڭ 15مىڭ كۋادرات مېتىر ئورنىنى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى ئىگەللىگەن. 

    ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە قاتنىشى 

    قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئورنى ئۈرۈمچى شىنمىن غەربىي يولى 92-نۇمۇر، قىزىلتاغ باغچىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا يانداش، قاتناش قۇلايلىق، ئاممىۋىي قاتناشنىڭ 29-يول، 35-يول، 61-يول، 908-يول 911-يول ئاپتوبوسلىرى شۇ يەردىن ئۆتىدۇ. ئەتراپىدا قىزىلتاغ باغچىسىدىن سىرت، يىخەي ئېكېلوگىيە سۇ جانلىقلىرى سارىيى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان ياخشى ئورنى. 

قوللانمىدا ئاتالغۇ، سان-سېفىر ياكى ئىملا جەھەتتىن خاتالىق بايقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، خاتالىقىمىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.

ئالاقىلىشىش تېلفون نۇمۇرى: 4168015 – 0991

ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى: qq.com @2225651126